- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈلۈشىنى تۈزۈپ، سۇغۇرتا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى
2018.08.03 18:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاۋغۇست، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى>نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (4)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىزاھات» دېيىلىدۇ) دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى خې شياۋروڭ مۇنداق دېدى: «ئىزاھات»نى تۈزۈش جەريانىدا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سۇغۇرتا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، سۇغۇرتىنىڭ ئادەتتىكى قائىدىسىگە ئەمەل قىلىندى؛ مەۋقە سۇغۇرتا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسىدە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قالدۇرۇلدى. «ئىزاھات» جەمئىي 21 ماددا بولۇپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا، مال-مۈلۈك ئوبوروتى كۆپ بولغاچقا، سۇغۇرتا نىشانىدا سېتىش، سوۋغا قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. «ئىزاھات»تا سۇغۇرتا نىشانىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر، بەلگىلىمىلەر ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ، سۇغۇرتا نىشانىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچى، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا سۇغۇرتىغا ئالغۇچىغا سۇغۇرتا نىشانىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا ئالغۇچى جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بېرىپ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى ئۆتۈنۈشنى قوبۇل قىلغۇچى سۇغۇرتىغا ئالغۇچىنى سۇغۇرتا توختامى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.
«سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 49-ماددىسى ۋە 52-ماددىسىدا، خەتەر دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى بېكىتىلدى. ئەمەلىي ئىشلار قوللانمىسىدا سۇغۇرتا تۈرى كۆپ، ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇشى سەۋەبلىك، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىقىنى بېكىتىش سوت ئەمەلىيىتىدىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى بولۇپ قالغان ئىدى. «ئىزاھات »نىڭ 4-ماددىسى 1–تارمىقىدا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدارلار بىلەن كۆپ كۆرۈلىدىغان ئامىللار كۆرسىتىلىپ، سوتچىنىڭ ھۆكۈم–كېسىم چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. سوتچى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىنى شەكىللەندۈرگەن ياكى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىنى ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر