8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسى لومبوك ئارىلىنىڭ غەربىدىكى بالى ئارىلىدا، بىر نەچچە نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا چۈشكەن تاشلارنى تەكشۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ 6-ئىيۇل دېيىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ لومبوك ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست 7.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 82 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان.
ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو 6- ئاۋغۇست سەھەردە تۋېتتىردا مۇنداق دېدى: جاكارتا ۋاقتى بويىچە 6-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 2:30غىچە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 82گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە لومبوك ئارىلىدىكى شىمالىي لومبوك ناھىيەسى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، 65 ئادەم قازا قىلدى.
سۇتوپو مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئادەم سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. ھىندونېزىيەدىكى كۆپ تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى جىددىي چېكىندۈرمەكتە ۋە باشقا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا.
ئۇندىن باشقا، لومبوك ئارىلىغا ئانچە يىراق بولمىغان ھىندونېزىيەدىكى ساياھەت رايونى بالى ئارىلىمۇ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ھىندونېزىيە مېترو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان. كەچ كىرگەن بولسىمۇ، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر يەنىلا سىرتتا تۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى