سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو (ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنجى) كاراكاستا مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاۋغۇست كەچتە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى دېلوسىدىكى قىسمەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
مادۇرو ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئاۋالقىدەكلا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە سابىق زۇڭتۇڭ چاۋىس يولغا قويغان «بولىۋار ئىنقىلابى» ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ۋېنېسۇئېلا مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى پايتەخت كاراكاستا بولىۋار يولى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مادۇرو پائالىيەتتە سۆز قىلدى. بۇ ئارىلىقتا، پارتلاتقۇچ بۇيۇم قاچىلانغان بىر قانچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مادۇروغا ھۇجۇم قوزغاشقا ئۇرۇندى، لېكىن مەغلۇپ بولدى. مادۇرو تىنچ-ئامان بولۇپ، ھۇجۇمدا مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ يەتتە ئەزاسى يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى