باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ زىققا كېسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى روشەن

2018.08.06 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى باش بولۇپ قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ زىققا كېسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى روشەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىككى تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ كىلىنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، ھەمدە جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە پاتولوگىيەلىك فىزىيولوگىيە جەھەتتىن يېڭى چۈشەنچە ئېلىپ كېلىشىدە ئۈمىد بار ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەنگلىيە «لەنسەت. روھىي كېسەللىكلەر ئىلىمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دېيىشىچە: ئۇلار ھازىرقى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ 49 توپلىمىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، بۇ تەھلىل جەمئىي ئۈچ مىليون 330مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 210 مىڭ كىشى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلىرىنىڭ ئارىسىدا %16.9ى زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ئادەملەر ئارىسىدا زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى %11.5غا يەتكەن؛ زىققا كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئارىسىدا %8.8ى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا %5.6ى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

  ئۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە بىر مىليون 600 مىڭ بالىغا چېتىشلىق بىر تۈرلۈك كىشىلەر توپىغا بولغان تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 260 مىڭغا يېقىن ئادەم زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، 60 مىڭغا يېقىن ئادەم جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. نەتىجىدە، شۇنى بايقىغانكى، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %24.8 ۋە %16.1 بولغان؛ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ئادەملەر ئىچىدە، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 5.5 ۋە % 3.3 بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر