- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شۋېيتسارىيەدە بىر ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 20 ئادەم قازا قىلدى
2018.08.06 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۋېيتسارىيە ساقچى تەرەپنىڭ 5- ئاۋغۇست دەلىللىشىچە، بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى 4- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شۋېيتسارىيەنىڭ شەرقىدىكى ئالپ تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۈچ ئايروپىلان خادىمى ۋە 17 يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايروپىلاندىكى بارلىق خادىملار قازا قىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان ناھايىتى كونا بولۇپ، ئاساسلىقى ساياھەت قىلىپ ئۇچۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئاۋسترىيەلىك بىر جۈپ ئەر- خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلىدىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۋېيتسارىيە پۇقراسى ئىكەن.
شۋېيتسارىيەنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنگىچە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر