سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان فۇجيەننىڭ جىنمېننى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىغا سۇ ئېلىش ئورنى بولغان فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىنجاڭ شەھىرى لۇڭخۇ كۆلىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، فۇجيەننىڭ جىنمېن ئارىلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي سۇ باشلاندى. فۇجيەننىڭ جىنمېن ئارىلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى جىنجياڭ لۇڭخۇدىكى سۇ تارتىش پونكىتى، قۇرۇقلۇقتا سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ۋە دېڭىز ئاتلىغان سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، لايىھەدىكى ئېقىم مىقدارى ھەر كۈنى 34 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشقا 388 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، سۇ ھەققى 9.86 يۈەن يېڭى تەيۋەن پۇلى / كۇب مېتىر بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى