خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاۋغۇست سائەت 22 دە، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى جيۇليەن بۇلاق باغچىسىدا، «پىۋا كۆتۈرۈپ، گۈللەنگەن دەۋرنى كۈتۈۋالايلى، شىخودا خۇشاللىقنى جەم قىلايلى» دېگەن خەتلەر ئالتۇن رەڭدە مەيداندا چاقنىدى، بۇ ئۆزگىچە ھاراق باشلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2018-يىللىق شىنجاڭ تارباغاتاي شىخو پىۋا بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى «دوۋيىندىكى دوستلار» مۇزىكا مۇراسىمى باشلاندى، شۇ جايدىكى 1000دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە جەم بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك شىخو پىۋا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى