خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 3-ئاۋغۇست كەچ، شىخۇ شەھىرى جيۇليەن بۇلاق باغچىسىدا بىر مەيدان ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل كاتتا مەرىكىسى ۋە ھەشەمەتلىك مودىللار مۇسابىقىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، نەق مەيداندىكى 1000دىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ خۇشال جۆر بولۇشىدا، 2018-يىللىق شىنجاڭ تارباغاتاي شىخو پىۋا بايرىمىنىڭ تەنتەنىلىك مۇقەددىمىسى باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، شىخۇ پىۋا بايرىمى 2008-يىلى تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى شىخونىڭ ئالتۇن ساياھەت پەسلى 8-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، نۆۋەتتە ئۇدا 11 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ جاينىڭ بىر كىچىك تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ساياھەت بايرىمى پائالىيىتىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تەبرىكلەش پائالىيىتى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شىخۇ پىۋا بايرىمى ساياھەت بازىرىنى بېيىتىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، بايرام كەيپىياتى روشەن بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، سەييارە مېھمان بازىرىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى ئاساس قىلىنغان ھەر قايسى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا كۈتۈۋېلىنغان شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 434 مىڭ 350 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %112 ئاشقان، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 319 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى