خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەر-خوتۇنلار نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى توي خېتىنى كۆرگەزمە قىلدى.
شۇ كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتوڭ شەھرى گۇەنيىڭشەن يېڭى شەھىرىنىڭ پەنشياڭگوۋ مەھەللە كومىتېتى، شۆتاڭچياۋ مەھەللە كومىتېتى، شىڭخو مەھەللە كومىتېتى، شىباۋەن مەھەللە كومىتېتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى توي قىلغىنىغا 40 يىل بولغان ئەر-خوتۇنلارنى تەشكىللەپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ‹بەختلىك ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى›نى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلنى قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ ئۆتكەن ئەر- خوتۇنلار مىللىي ئۆرپ-ئادەت سارىيى ئىچىدىكى كونا نەرسىلەرنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇلار ئاچچىق- تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلىشىپ، بەختلىك خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى