باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ «كېيىنكى يېرىم پارچە ماقالىسى»نى پۇختا يېزىش كېرەك

2018.08.08 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «چاقماق تېزلىكىدە مەركەزنىڭ كۆزىتىش-تۈزىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش»، «تۈزەشتە قاتتىق بولمىغان، تۈزىتىشتە ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋە ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش كېرەك. يېقىندا، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق كۆزىتىشىگە بولغان قايتما ئىنكاسنىڭ ھەممىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لياۋنىڭ، خېيلوڭجياڭ، جاڭسۇ ۋە خېنەن قاتارلىق كۆزىتىلگەن جايلار ۋە ئورۇنلاردا ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئېچىلىپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. پوزىتسىيەسى كەسكىنلەشكەن، مەسئۇلىيىتى ئىنچىكىلەشكەن ۋە لايىھەسى زىچ بولغان، كۆزىتىش-تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلغانلىقىنى ۋە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان يېتەكچى نىشانىنى ھەممە جايدا گەۋدىلەندۈردى.

  18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، مەركەزنىڭ ھەر بىر نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئاممىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قايسى مەسىلىلەرنى پاش قىلغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كەتكەندىن كېيىن، كۆزىتىلگەن رايون ۋە ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر دەل جايىدا تۈزىتىلەمدۇ، دېگەن مەسىلىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەسىلىلەرنى بايقاش بولسا، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيەتتە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى. كۆزەتكەندىن كېيىن ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆزگەرتسىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق، ئەمەليەتتە، كۆزىتىلمىگەنگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ناچار بولىدۇ. پەقەت كۆزىتىشنى تۈزىتىشتەك بۇ «كېيىنكى يېرىم پارچە ماقالە»نى ياخشى يازغاندىلا ئاندىن، دۇرۇس بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلاردا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆزىتىشنى مەسىلە بايقاشتىكى «سىياسىي تەكشۈرۈش» دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۇ تۈزىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدە پەرقى بار بولسا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۆزىتىش-تۈزىتىش بولسا، «تۆت ئاڭ»نىڭ سىناق تېشى، شۇنداقلا «ئىككى مەسئۇلىيەت» نىڭ مۇھىم ئىشكالىلىق تايىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر كۆزىتىش-تۈزىتىش ئىشى ئەمەلىيلەشمىسە، ئۇ ھەرگىزمۇ پارتىيەگە سادىق بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر