خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8-ئاۋغۇست سائەت 6 دە، داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاۋغۇست كۈندۈزى شەنشى گۇەنجۇڭ رايونى، خۇاڭخې-خۇەيخېنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەريا ۋادىلىرى، جياڭخۇەي، جياڭخەن (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى)نىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تەڭرىتېغىنىڭ ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36 ~ ℃35 قىچە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شەنشى گۇەنجۇڭ رايونى، خۇاڭخې-خۈەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جياڭخەننىڭ غەربى، چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃39 ~ ℃37 قىچە بولىدىكەن، شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.
ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قوللانمىسى:
1. ئامال بار چۈشتىكى قاتتىق ئىسسىقتا سىرتتا پائالىيەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەل كىشىلەر ۋە بالىلارغا ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى ئۆگىتىش ۋە زۆرۈر ئاسراش-مۇداپىئە تەدبىرىنى ئىشلىتىش كېرەك؛
2. ئالاقىدار تارماقلار توك ئىشلىتىش مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇش، توك سىم، بېسىم ئۆزگەرتكۈچ قاتارلىقلارنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛
3. سىرتتا ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملار زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى لازىم؛
4. دەم ئېلىش ۋاقتىغا، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا بىر قىسىم دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك؛
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە : خەلق تورى