باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى تەستىقلىنىپ، ئىش باشلاندى

تۇنجى تۈركۈمدە قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش زەنجىرسىمان مەركىزىدىن بەشى قۇرۇلىدۇ

2018.08.08 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى، سەھىيە ئىسلاھاتى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ئاپپاراتى رەسمىي تەستىقلانغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ئۈرۈمچى شەھىرى، كۈيتۇن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، پەيزىۋات ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئىبارەت بەش جايدا قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز زەنجىرسىمان مەركىزى قۇرۇلىدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى تۈركۈمدە قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغان قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش زەنجىرسىمان مەركەزلىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز مەركىزى ئايئۆتكەل (باداۋان) رايونىغا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھازىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋېتىپتۇ، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، باشقا تۆت جايدىكى قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش مەركىزىمۇ 2019-يىلى ئىچىدە پۈتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى، سەھىيە ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى يىرىك پىلانى (2020-2016 يىلىغىچە)دا، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون ھەر 1000 دائىملىق نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كارىۋات 1.3دىن كەم بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭ بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش-قان تازىلاش ئۆيى تەسىس قىلىندى، قان سۇيۇقلۇقىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش پۇقراۋى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك قان سۇيۇقلۇقى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر