باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىلىن چاڭچۈن شەھىرىدىكى چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقارغان غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى دېلوسى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلان قىلدى

2018.08.08 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىلىن چاڭچۈن شەھىرىدىكى چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقارغان غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، دورا ئىشلەش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقارغان بەزى تۈركۈم ۋاكسىنىلارغا ۋاقتى ئۆتكەن ئەسلىي سۇيۇقلۇقلارنى ئارىلاشتۇرغان، ۋاقتى ۋە تەستىق نومۇرىنى ئەينەن تولدۇرمىغان، قىسمەن تۈركۈمدىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرۈپ يازغان. نۆۋەتتە، قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇنىڭ چېگرا سىرتىغا سېتىلغان دېلوغا چېتىشلىق ۋاكسىنىلارنىمۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى.

  بازارغا سېلىپ سېتىلغان دېلوغا چېتىشلىق ۋاكسىنىلارنىڭ بىخەتەرلىك، ئۈنۈم خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋىرۇس ئىلمى، ۋاكسىنا ئىلمى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى، كىلىنىكا مېدىتسىناسى، ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش، سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، سۈپەتنى كونترول قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئېلىپ باردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئەملەش تەرتىپىنى تېخى تاماملاپ بولالمىغانلارغا ئەملىگۈچى ئورۇنلارنىڭ داۋاملىق باشقا شىركەتلەرنىڭ لاياقەتلىك ۋاكسىنىلىرىنى ھەقسىز ئەملەش تەكلىپى بەردى. غالجىرلىق كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەملەش تەرتىپى تاماملانغانلارغا تولۇقلاپ ئەملەش ھاجەتسىز. ئەگەر ئەملەنگۈچىنىڭ تولۇقلاپ ئەملەش ئارزۇسى بار بولسا، ۋاكسىنا ئەملىگۈچى ئورۇنلار ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلىملىرى، ۋاكسىنىنىڭ قوغداش رولى، ئەملەنگەندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ھەقسىز ئەملەشكە بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان غالجىر ئىت كېسىلى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدىكەن، بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىكەن.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى ئالاقىدار خىزمەتلەر جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر