باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىتنى كۆزىتىش مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى لىنفېن شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.08.07 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇھىت ۋە ھاۋانى ئاپتوماتىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بۈگۈن سەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، لىنفېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

  سۆھبەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، لىنفېن شەھىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ھاۋا كۆزىتىش پونكىتلىرىدىن دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدىغان ئالتە پونكىتنىڭ كۆزەتكەن بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن، ئەۋرىشكە ئېلىش سىستېمىسى سۈنئىي كاشىلىغا ئۇچرىغان. ئالاقىدار ئەھۋاللار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك دېلو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دېلونى سەنشى ئۆلكىلىك ج خ ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. سەنشى ئۆلكىسى دېلو پاش قىلىش خىزمىتىنى دەرھال تەشكىللەپ، 16 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، شۇلارنى ئېنىقلىغانكى، لىنفېن شەھىرى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېنچىڭنىڭ خىزمەتنى ھاۋالە قىلىشى بىلەن، ئىشخانا مۇدىرى جاڭ يې ۋە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تەكلىپلىك ئىشچى خادىمى جاڭ يۇڭپېڭ قاتارلىق ئىككەيلەن شۈ دۇڭ قاتارلىق باشقا كىشىلەرنىڭ مۇھىت ۋە ھاۋانى ئاپتوماتىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قەستەنلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى ئۈچۈن يول كۆرسەتكەن. 2017- يىلى 4- ئايدىن 2018- يىلى 3- ئايغىچە، جاڭ يوپېڭ ئىشچى خادىملارنى تەشكىللەپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ئۈسكۈنسىنىڭ بېشىنى توسۇپ قويۇش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىگە سۇ چېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدىغان ۋە ئاپتوماتىك ھالدا ھاۋا كۆزىتىدىغان پونكىتلاردىن شەھەر بويىچە ئالتە پونكىتتا يۈز نەچچە قېتىم كاشىلا پەيدا قىلىپ، كۆزىتىشتىن ھاسىل قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېغىر دەرىجىدە 53 قېتىم بۇزغۇنچىلىق سالغان.

  2018- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، جىنجوڭ شەھىرى يۈسى رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى «كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن، دېلوغا چېتىشلىق 16 كىشىگە ھۆكۈم چىقارغان: باش جىنايەتچى جاڭ ۋېنچىڭ ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ باش جىنايەتچى جاڭ يې، جاڭ يۇڭپېڭ قاتارلىق ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 13 ئەگەشكۈچى جىنايەتچىنىڭ ئىچىدە، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان خېبېي شيەنخې پەن-تېخنىكا مۇھىت ئاسراش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرىدىن سۈي يۇڭيۇڭ، جاڭ ئەن قاتارلىق ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8 ئايلىق ۋە 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ قالغان 11 كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان مۇددەتتە تۇتۇپ تۇرۇشقا، 8 ئايدىن بىر يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتتە جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر