باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا بېرىلگەن قەرز سوممىسى 8 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 554 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشتى

پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ

(يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت)

2018.08.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، ماكرولۇق پىشاڭنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭى كۈچىيىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئەلىنىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا بېرىلگەن خەلق پۇلى قەرز سوممىسى 8 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 554 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشتى. پۇل مۇئامىلىسى ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ يادروسى، شۇنداقلا، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى بولۇپ قالدى. 31-ئىيۇل، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالتە مۇقىم بولۇش» خىزمىتىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى كېيىنكى يېرىم يىلدا قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئېقىن سۇ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ياشارتالايدۇ؟

  نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

  جېجياڭ جياشىڭ ۋېنتەي خەۋەرلىشىش پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۆچمە تېلېفون ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى مەخسۇس ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نۆۋەتتە، ھەر يىللىق يانفون ياساش-مال چىقىرىش مىقدارى 65 مىليون 500 مىڭ دانە. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى شياۋ شۆبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىزدەك ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى بانكا بەك ياخشى قوللىدى، شىركەت 514 مىليون يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشتى، بۇ، بۇلتۇرقىدىن 45 مىليون يۈەن كۆپ بولدى.

  بارغانسېرى كۆپلىگەن بانكا مەبلىغى ياسىمىچىلىق ئاساس قىلىنغان ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ ئېقىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بانكا سۇغۇرتا كەسپى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا نازارەتچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە قارىتىلغان كىرېدىت قوللىشىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يول كەسپىنى قىسىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زەنجىرىنى قىسقارتتى. بانكىلارنىڭ ناچار قەرز پۇلنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كرېدىت بوشلۇقى ئاجرىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى ياردەم قىلدى. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي پۇل ۋە چەت ئەل پۇلى مۈلكى 250 تىرىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى، ئاساسىي پۇل ۋە چەت ئەل پۇلى ھېسابىدىكى قەرز پۇل 133 تىرىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىشلىتىلگەن قەرز پۇل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشتى. سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 17 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولدى، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش قالدۇقى 15 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن قالدۇقى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر