باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن جىفېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش چارىسى كۆرۈلدى

2018.08.08 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 7- ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلو تۇرغۇزۇپ، تيەنجىن شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن جىفېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىق بولدى: يولداش چېن جىفېڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا گولف توپى ئوينىغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەدبىر-قارارلارنى چىقارغان ۋە تۈرلەرنى تەستىقلىغان، ھەمدە دۆلەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زور زىيان يەتكۈزگەن.«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش چېن جىفېڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭغا مۇئاۋىن نازىر مۇئامىلىسى بويىچە پېنسىيە تەمىناتى بېرىش، ھەمدە ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىش چارىسىنى كۆرۈش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر