خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئارقا سۇپا كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش، ئۇچۇش مەشىقى ئوقۇتقۇچىسى ۋاقىت، قار، تۇمان، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر قاتارلىق ھەر خىل ناچار ھاۋارايى كۆرۈنۈشىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇش... 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇچۇش تەقلىدىي مەشىق مەركىزى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
ئەسلىدە بۇ «ئايروپىلان»نىڭ ئۇچقۇچى بۆلمىسىدىكى تۆت پارچە ئەينەك دېرىزە ئادەتتىكى ئەينەك دېرىزە بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۆت پارچە سۇيۇق كىرىستاللىق كۆرسىتىش ئېكرانى، ئايروپىلان كابىنكىسىمۇ بىر تەقلىدىي ئۇچۇش مەشىق ماشىنىسى بولۇپ، ئۇچقۇچىنىڭ باشقۇرۇش دەستىسىنى تارتىپ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، مەشىق بۆلمىسى شۇنىڭغا ماس ھالدا چايقىلىش، ئايلىنىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى تاماملاپ، خۇددى ھەقىقىي بىر ئايروپىلاندا مەشغۇلات قىلغاندەك بولىدۇ.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خوۋ جۈنشۆ مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە 737 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى 435گە يەتتى، تەربىيەلەش ئېھتىياجى غايەت زور، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقلىدىي مەشىق مەركىزىدە ھەر خىل ئۇچۇش مەشىق تۈرلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاماملاشقا بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى تەننەرخى ۋە ۋاقىت بويىچە تەربىيەلەش تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى