باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىغا يەنە تولۇقلاپ پۇل ئىئانە قىلدى

2018.08.08 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن 7- ئاۋغۇست ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن شەھىرى رامئاللادا كېلىشىم ئىمزالاشتى، ھەمدە بۇ پۇرسەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىغا يەنە ئىككى مىليون 350 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىئانە پۇلى تولۇقلاپ قوشتى.

  جۇڭگونىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى گو ۋېي يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى پىئېر بىلەن شۇ كۈنى رامئاللادا سۆھبەتلەشتى ھەمدە كېلىشىم ئىمزالاشتى. كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو ئىئانە قىلغان ئۇ پۇللار ئاساسلىقى ب د ت نىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى 1949- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ باشقارما ئاساسلىقى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، غەززە رايونى ۋە ئىيوردانىيە، سۇرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەردىن رويخەتكە ئېلىنغان بەش مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشى، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر