- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خېنەن جياۋزو شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋېي چاۋجيې ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ
2018.08.08 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلىشىچە، جياۋزو شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋېي چاۋجيې قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، دېلوسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغان، ھازىر خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
ۋېي چاۋجيې 1963-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى خېنەن ئۆلكىسى مېڭجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مېڭجۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى، مېڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2015-يىلىدىن ھازىرغىچە جياۋزو شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر