باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك

2018.08.08 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 7- چېسلا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە قىسمەن شەھەرلەردىكى ئۆي-زېمىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆي زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار ئۆي زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى ئۆي-زېمىن بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىسى قاتارلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئۆي-زېمىن بازىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ ئۆي-زېمىن تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان سىناش-باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، خىزمەتتە كۈچلۈك بولمىغان، ھەمدە بازارنىڭ تەۋرىنىشى چوڭ بولغان ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىغا يېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان يەرلىكتىن مەسئۇلىيەتنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ خىزمەتنى كېچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، جايلار تۇرالغۇلارنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزەش ۋە يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تۇرالغۇلار ۋە ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەپ، تۇرالغۇلارنىڭ ئىجارە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پەرقلىق ئۆي قەرزى ۋە باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىغا مەدەت بېرىپ، ئۆي ھايانكەشلىكىنى قەتئىي توسۇپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ۋە كۆزلىمە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى مالىمانچىلىقنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانا ۋە ۋاستىچى ئاپپاراتلارنى ئېچىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر