سۈرەتتە: بوشلۇقتىن تارتىلغان شىنجاڭ تۇرپاندىكى ئېتىزدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى، يەنە بىر تەرەپتىكىسى يېڭىلا بېدىشكە ئېلىنغان ئۈزۈم تېلى (2017-يىلى 3-ئاينىڭ 18- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇھىتى شىنجاڭنى ئەلا سۈپەتلىك مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە قىلغان. بىپايان قۇملۇق، چەكسىز چۆللۈك، بۈك-باراقسان بوستانلىق، بىپايان يايلاق، ئەگرى- توقاي قارلىق تاغ، كۆپكۆك كۆللەر... ھەرخىل مەنزىرىلەر پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، شىنجاڭدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 107 مىليون ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېمالىدا 182 مىليارد 200 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى