سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن كۆمۈركان قۇدۇق ئاغزى ئالدىغا يىغىلىپ، قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈشكە تەييارلاندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 21دىن 10 مىنۇت ئەتراپىدا، گۇيجۇ ئۆلكىسى پەنجۇ شەھىرىنىڭ زىمۇجيا كۆمۈر كېنىدا كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى، ماقالە ئەۋەتىلگىچە، ھادىسىدە تۆت ئادەم قازا قىلدى، توققۇز كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. نۆۋەتتە، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى