باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تۈركىيە ئەمەلدارىنىڭ ۋاشىنگتونغا بېرىپ، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىشىدىكى قارالمىلار ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.08.08 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ تۈركىيە قانىلى 7-ئاۋغۇست ئاشكارىلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى كۈن ئىچىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا بېرىپ، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىشىدىكى قارالمىلار ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ، دېدى.

  ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان نۇرغۇن دىپلوماتىيە زاتلىرى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا كۆرۈشۈشتىن بۇرۇنلا، ئالاھىدە قارالمىلار توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، دېدى. بۇ خەۋەرچى زاتلار تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارلىمىدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت رايتسىزېر ئالدىنقى ھەپتە، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىپ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش-كىرەلمەسلىكىنى قايتىدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، بۇ، تۈركىيەنىڭ 1 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ پولات–ئاليۇمىندىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى تەدبىرىنى يولغا قويغان ئىدى.

  تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكى يېقىندا كۈچەيدى، تالاش- تارتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى − تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى باستېر ئاندرېۋ برۇنسوننى قويۇپ بېرىش-بەرمەسلىكىدە بولدى. ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى 2016- يىلىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان بىر تەشكىلاتنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى قاماپ قويدى. ئاندرېۋ برۇنسون ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلدى.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 1- ئاۋغۇست، ئاندرېۋ برۇنسون تا ھازىرغىچە تۈركىيەدە قاماقلىق بولغانلىقتىن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇل خامىد گۈلگە جازالاش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 4-ئاۋغۇست ئىنكاس قايتۇرۇپ: ئەگەر ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەدە مۈلكى بولسا ئۇلارنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ قايسى ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى ئامېرىكا-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئىچكى كابېنت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيەدە مۈلكى بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا تالاش- تارتىشىنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيە پۇلى لىرانىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 6-ئاۋغۇست شىددەت بىلەن %5.5 چۈشۈپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تاق كۈنلۈك ئەڭ كۆپ تۆۋەنلەش نىسبىتىنى باشتىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پات ئارىدا ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، لىرانىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىرئاز مۇقىملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر