باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر ھەپتىدە يۈگۈرۈپ بەرسە، يەنە 10 يىل كۆپرەك ياشىغىلى بولىدىكەن

2018.08.08 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاۋسترالىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئادەمنىڭ يەنە 10 يىل كۆپرەك ياشىشىغا پايدىسى بولىدىكەن.

  ئاۋسترالىيە سىدنېي ۋېستمىد تېببىي تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار 50 ياشتىن يۇقىرى بولغان 1500 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىتا 10 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدىكى ھەرىكەت مىقدارى 5000 مېتابولىزم ئېكۋىۋالېنتتىن ئاشقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ سەكتە، يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، راك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %50 تۆۋەنلەيدىكەن. مېتابولىزم ئېكۋىۋالېنتى (MET) دېگىنىمىز، نىسپىي ئېنېرگىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇش دەرىجىسى ۋە ھەرىكەت دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان كۆرسەتكۈچدۇر.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: ھەر ھەپتىدە 5000 مېتابولىزم ئېكۋىۋالېنتلىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، ئۇ پىيادە 21 سائەت ماڭغان ياكى 10 سائەت يۈگۈرگەن بىلەن تەڭ؛ ئەگەر يۈگۈرگۈسى بولمىسا، سۇ ئۈزۈش ۋە يوگا ھەرىكىتىنى قىلىپ بېرىشمۇ ياخشى تاللاشتۇر. بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ بۇ ھەرىكەت مىقدارىغا يېتىشى بىر قەدەر تەس، لېكىن تەتقىقاتچىلار يەنىلا ئاشۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قۇربىي يېتىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىنى سىناپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلدى، ھەمدە ھەرىكەت سىجىللىقى تۆۋەن بولغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەرىكەت سىجىللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىر قىسىم تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭ كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر