باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يادرو ئېلېكتىرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

2018.08.10 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يادرو ئېلېكتىرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىز يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىز يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قويۇپ، ئۆلچەمدە مۇستەقىللىشىش ۋە خەلقئارالىشىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، بىر يۈرۈش مۇستەقىل، بىرلىككە كەلگەن، ماسلاشتۇرۇلغان، ئىلغار، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان يادرو ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆلچەملىك قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە تايانچ بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى ۋە قورال - جابدۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019-يىلىدا، مۇستەقىل، بىرلىككە كەلگەن، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان يادرو ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ 2022-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇستەقىل يادرو ئېلېكتىر تۈرلىرىدە ئۆزىنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئۆلچىمىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارالىق تەسىر كۈچى ۋە ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ 2027-يىلىدا، يادرو ئېلېكتىرنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، يادرو ئېلېكتىرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ساھەسىدە خەلقئارادا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر