باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇتەخەسىسلەر ئېلىمىزنىڭ ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى يۇقىرىغا ئۆرلەش يۈزلىنىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغانلىقىنى ئانالىز قىلدى

پىشاڭنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچ سالمىقى ۋە رىتىمنى ئوبدان ئىگىلەش لازىم

2018.08.10 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، پىشاڭنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈچ سالمىقى ۋە رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پىشاڭنى تۈگىتىش خىزمىتىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولدى؟ كەلگۈسى ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە قانداق قاراش كېرەك؟ قۇرۇلمىلىق پىشاڭنى تۈگىتىشتە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ توغرا قىلغىلى بولىدۇ؟ خەلق گېزىتى مۇخبىرى قىسمەن مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئانالىز قىلدى.

  ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى، پىشاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ھالىتى ياخشىلانماقتا

  خەلق بانكىسى ئىستاتىستىكا تەكشۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رۇەن جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشىگە ۋە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشقا تايىنىپ، ئالدىن كۆرەرلىك ئالدىن تەڭشەش، مىكرولۇق تەڭشەش ئېلىپ باردى. جايلار، تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەسلەپكى خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى.

  ‒‒‒ ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. 2017-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. 2017-يىلى پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان يىللىق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىشىغا سېلىشتۇرغاندا 10.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى. بۇ يىل 1-پەسىللىك پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىش ھەجىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

  − پىشاڭ قۇرۇلمىسىدا سەرخىللىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى.

  بىرىنچى، كارخانا تارماقلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتى تۆۋەنلىدى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتى روشەن تۆۋەنلىدى. 2017-يىللىق كارخانا تارماقلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتى 2016-يىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، 2011-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ساپ ئازايدى، بۇ يىل كارخانا تارماقلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتى 2017-يىلىدىكىدىن داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدىكى مۈلۈك قەرز نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتى روشەن تۆۋەنلەپ، بۇ يىل 5-ئايدا %59.5 بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

  ئىككىنچى، ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە تارماقلىرى پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى مارگىنال ئاستىلىغان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەرگە قەرز پۇل تارقىتىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 14 ئاي تۆۋەنلىگەن، 2017-يىلى 4-ئايدىكى چوققا قىممىتى %24.7تىن %18.8كە چۈشكەن. ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇمەن كونترول قىلىشقا بولىدۇ. ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى قەرز ئېلىش/ پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى %71.8 بولۇپ، ئامانەت پۇل قەرز پۇلنى تولۇق قاپلىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز رەنە بۇيۇمى يېتەرلىك، مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەتىرى يۇقىرى ئەمەس.

  ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىدى، 2017-يىلى 2016-يىلىدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلىدى، بۇ يىل 1-پەسىلدە داۋاملىق %0.7 تۆۋەنلىدى.

  تولۇق مەزمۇنىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر