باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان يول

2018.08.09 16:58   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان يول

  بوشلۇقتىن تارتىلغان شىنجاڭدىكى بىرىنچى قۇملۇق تاشيولى − تارىم قۇملۇق تاشيولى (6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭدا قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇكەممەل يول تورى شەكىللەندى، يېزا تاشيولى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئۇلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قوش ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە غول يوللىرى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى، تەڭرىتاغ بويى مەنزىرە كارىدورى ئاساس قىلىنىپ، ساياھەت يول تورى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل قاتنايدىغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 186 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىغان يوللار شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بېيىش يولى بولۇپ قالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…