خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، تيەنجىن ۋوگزالىدا، يولۇچىلار سائەت ئالتىدىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان C2003 قېتىملىق پويىزدىن چۈشمەكتە.
شۇ كۈنى، بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەرئارا تۆمۈريولىدا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى بويىچە قاتناش يولغا قويۇلدى، گۈللىنىش ناملىق ئوق پويىزلار بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەرئارا تۆمۈريولىدا 350 كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئەت بىلەن قاتنىدى. بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن تيەنجىن پويىز بېكىتىگىچە بولغان يۈرۈش ۋاقتى 35 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقا قىسقارتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى