سۈرەتتە: شېنياڭ شەھەرلىك پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ئىلگىرى بىر بەلگە خاراكتېرلىك ۋەقە ئىدى. 32 يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ۋەيران بولغان كارخانا − شېنياڭ شەھەرلىك پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتى رەسمىي ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. «جاھاننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن بىرىنچى ۋەيران بولۇش» دەپ ئاتالغان بۇ ئىسلاھات سىنىقى خۇددى غايەت زور زەربە دولقۇنىغا ئوخشاش، ئىدىيە جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەيران بولۇشى بازار رىقابىتىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. شۇ يىللاردىكى «باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش»تەك ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى ئەسلىگەندە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نىسبەتەن يەنىلا ئىلھام ئەھمىيىتىگە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى