باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇيچۈن شەھىرى: چېگرا ئېغىزى راۋان، چېگرا سودىسى گۈللەنگەن بىر يېڭى شەھەر (جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئىلگىرىلەش-- ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش)

2018.08.10 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كىچىك بىر چېگرا شەھىرى خۇيچۈن گەرچە ئۇ "دېڭىزغا يېقىن تۇرۇپ دېڭىزغا تايانمىغان" بىلەن، ئۇنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىقتىسادى ناھايىتى راۋاج تاپقان. شۇڭا ئۇنى «پۈتكۈل جىلىن ئۆلكىسىدە دېڭىز-ئوكيان كەسپىي ئىگىلىكى بويىچە ئۆز ئالاھىدىلىككە ئەڭ زور دەرىجىدە ئىگە بىر شەھەر» دېيىشكە بولىدۇ.

  ۋاڭ جىندۇڭ بولسا، خۇيچۈن شەھىرىدىكى بىر قەدەر بۇرۇنراق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىمپورت سودىگىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: بۇلتۇر كارخانىمىزدا پادىشاھ قىسقۇچپاقىلارنىڭ تىرىكلىرىدىن 2600 توننا ئىمپورت قىلىنغان ئىدى، ئۇ قىسقۇچپاقىلاردىن بىر كۈندە 50 توننىدىن كۆپرەك سېتىلاتتى، نەرخى-ھاۋاسى ياخشى بولغان كۈنلىرى، بەزىدە ھەتتا شۇ كۈنىلا پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولاتتى، دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كامچاتكا - زارۇبىنو - خۇيچۈن سۇ مەھسۇلاتلىرى ھاۋا يولىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەمدە تىرانسپورتلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن، ۋاڭ جىندۇڭنىڭ كارخانىسى ئىنتايىن تېز روناق تاپتى.

  ئىشنى نۆلدىن باشلىغان خۇيچۈن شەھىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۆزىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى توققۇز مىليارد يۈەندىن ئاشۇرغان بولۇپ، سەككىز مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. «خۇي ناملىق» سۇ مەھسۇلاتلىرى ماركىسى بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشتى. خۇيچۈن شەھىرى ھازىر يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بىر «دېڭىز شەھىرى» بولۇپ قالدى، ھەمدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يىغىش ۋە تارقىتىشتىكى مۇھىم بىر بازىغا ئايلاندى.

  چېگرا ئېغىزى راۋان، چېگرا سودىسى گۈللەنگەن بىر شەھەر. ئۇ، چېگرا بويلىرىدىكى ھەر يېرى دېڭىزغا تۇتاشقان بىر شەھەر بولۇپ، ئېچىۋېتىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئېچىۋېتىش ماركىسىنى ياخشى ئىشلىگەچكە، بۇ كىچىك شەھەر خۇيچۈندە ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە.

  ئىچى ۋە سىرتىنى تۇتاشتۇرۇپ، «چوڭقۇر دېڭىز»غا ئىلگىرىلەش

  جۇڭگو، رۇسىيە ۋە چاۋشيەندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تۇتاشقان جايغا جايلاشقان خۇيچۈن شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇ چاڭچۈن- جىلىن–تۇمېنجياڭدىن ئىبارەت بۇ لىنىيەدە، يەنى تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدىغان بۇ رايوننىڭ ئالدى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم جايى ھېسابلىنىدۇ.

  دېڭىز-ئوكيانغا نەزەر سالساق، خۇيچۈن بولسا، جۇڭگو–رۇسىيە– چاۋشيەن– كورېيە-ياپونىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتكە يېقىن بولغان جايلاردىكى سۇ يولى بىلەن تۇتاشقان بىر «مۇھىم نۇقتا» بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت سۇ يولى ئارقىلىق، ياپونىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى جايلارغا، ھەتتا شىمالىي ئامېرىكا ۋە شىمالىي ياۋروپاغىچە بولغان جايلارغا ئەڭ يېقىن جاي، ھەمدە ياپون دېڭىزىغا بىۋاسىتە كىرىشتىكى بىردىنبىر يول ھېسابلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، خۇيچۈن شەھىرى رۇسىيە ۋە چاۋشيەنگە قارىتىپ سېلىنغان تاشيول ۋە تۆمۈر يولنىڭ كېسىپ ئۆتىدىغان چېگرا ئېغىزىدىن تۆتىگە ئىگە. بۇ پورتلارنىڭ ئەتراپىدا رۇسىيە ۋە چاۋشيەننىڭ 10دىن ئارتۇق پورتى جايلاشقان بولۇپ، خۇيچۈن شەھىرى ھازىر جىلىن ئۆلكىسىنىڭ «پورتتىن پايدىلىنىپ دېڭىزغا چىقىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر جاي بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر