باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۇنيادىكى 300 نەچچە مىڭ خىل ئەڭ يېڭى كىتابلار 25-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

2018.08.10 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 25-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە 16-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب بايرىمى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يېڭى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، نەق مەيداندا دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى نەشر قىلىنغان 300 نەچچە مىڭ خىل كىتاب كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، كەم بولغاندا 1000 مەيدانغا يېقىن نەشرىيات، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كىتاب كۆرگەزمىسى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نەشرىيات جەمئىيتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كىتاب ئىمپورت-ئېكسپورت (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، داۋاملىق تۈردە «دۇنيانىڭ مۇنەۋۋەر كىتابلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ كىتابلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش»كە ۋارىسلىق قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، جۇڭگو - چەت ئەل نەشرىيات ساھەسىنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە مۇھىم سۇپا ھازىرلايدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 97 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %5.3 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن تەخمىنەن 2500 سودىگەر كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلار 93كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن تۆتى كۆپەيدى، لىۋان، قىرغىزىستان، ۋېنېسۇئېلا، پاناما تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلدى، ماراكەش ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولدى.

  بۇ يىلقى كىتاب كۆرگەزمىسىدە تۆت چوڭ يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرىنچى، نەچچە كۆرگەزمە رايونىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى فوكۇسلىنىپ، 5000 خىلغا يېقىن كۆرگەزمە ئەسىرى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق شانلىق نەتىجىلىرى نامايەن قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، مېھمان دۆلەت ماراكەش يەرمەنكە رايونىدا ئافرىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، 800 نەچچە خىل كىتابنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، يەنە كۆپ مەيدان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئوقۇش، تەسىرات ئېلىش ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت سارىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشرىياتچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېرىشىلگەن كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى تولۇق نامايەن قىلىنىدۇ؛ تۆتىنچى، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ خەلقئارا بالىلار كىتاب كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىجادىي بالىلار كىتابلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىشى» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كىتاب كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 12-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا كىتاب ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مەتبۇئات باشلىقلار مۇنبىرى، BIBF ئەدەبىيات سالونى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر