باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كارخانىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئابۇنتچى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك

2018.08.10 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى «كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇش، ھەمدە ئۇنىڭ يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇ ئارقىلىق، پوچتا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە، ئادەمنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەرلىكنى ئۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم ھادىسە قاتلىمىدىن، ھەم ماھىيەت قاتلىمىدىن تۈزەشنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى.بۇ «يېتەكچى پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق نىشانى بولسا، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسى ۋە ماھارىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئىچكى قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پوچتا كەسپى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى، ھەمدە يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر پوچتا قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كارخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلاردىكى ئومۇمىي خادىملارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يەتكۈزۈشنىڭ بىخەتەر ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر