باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە 2–قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2018.08.09 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە 2 – قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى چوقۇم قەتئىي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئۆگىنىش ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، قاراپ چىقىش، تەكلىپ ۋە تەۋسىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئەستايىدىل قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ شان – شەرىپىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ياخشى ئوبرازىنى، جاسارەتلىك، ياراملىق بولغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەت، مەسىلە ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشى كېرەك.

  2 – قارارلىق كۇرسقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 162 ۋەكىلى قاتناشتى. كۇرس مەزگىلىدە، ۋەكىللەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈم ۋە زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، سو يۆ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر