باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىسىدە 11 تارماق مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەشكە ھۆججەت چۈشۈردى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى

2018.08.10 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 11 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. لايىھەدە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ھەرىكەت مەزمۇنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىكى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئېنىق بېكىتىلدى.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جىلىن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى ھەمدە پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش تېلېفونىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى؛ مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولغان، ئوقۇتقۇچى، يېتەكچى، مەھەللە خىزمەتچىسى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا يەنە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. مائارىپ تەنبىھى بېرىش جەھەتتە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم «تەنقىدلەش ۋە جازالاش»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى تەكلىپ قىلىپ تەنبىھ بېرىش»، «مەخسۇس (ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان) مەكتەپكە ئەۋەتىش» قاتارلىق جازالاشلارنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ.

  لايىھەدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش لازىم. جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلى ۋە كونكرېت خىزمەتچىلەر ھەر يىلى زۆرۈر بولغان مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر