باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىك يار تاغ جىنسلىرىنىڭ «تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى»

2018.08.10 17:44   مەنبە: خەلق تورى

تىك يار تاغ جىنسلىرىنىڭ «تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى خوۋما-يۆشەن تۆمۈريولى لىنىيەسى ئارچا تونېلىنىڭ ئۈستىدىكى قىيالىقتا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاندا تارتىلغان).

  كەلكۈن پەسلى باشلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈريولى جېڭجۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۆشەن ئۇچاستىكىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خوۋما-يۆشەن تۆمۈريولى ئارچا تونىلى ئۈستىدىكى تاغ جىنسلىرى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى بايقىدى. تۆمۈريولنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۆشەن ئۇچاستىكىسى دەرھال ئەترەت تەشكىللەپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولغان تاغ جىنسلىرى تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولغاچقا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تاغ چوققىسىدىن تىك تۆۋەنلەپ چۈشۈپ، خەتەرلىك تاغ جىنىسلىرىغا قارىتا «تاشقى ئوپېراتسىيە» ئېلىپ باردى. چوڭ تاغ تاشلىرىنى سېمونت قۇيۇپ ئېتىلدۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە پارچىلىدى، كىچىك تاش پارچىلىرىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئۇرۇپ چاقتى.

  خۇما-يۆشەن تۆمۈريولى بولسا ئېلىمىزنىڭ مۇھىم كۆمۈر توشۇش چوڭ ئۆتۈشمە يولى، يازلىق تىرانسپورت ئىشلىرى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى 97 جۈپ پويىز قاتنىدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قاتنىغان پويىز 100 جۈپتىن ئاشىدۇ. تۆمۈريول تەيخاڭشەن تاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيە بويىدىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ كۆپىنچىسى ھاك تاش قۇرۇلمىسى بولۇپ، شامالدا يىمىرىلىشى ئېغىر.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى نەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…