باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 45 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 5100 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ

2018.08.13 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى تونۇشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتناشقان 62 دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭغا قاتناشقان 45 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ چىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۇقتىلىق ھالدا ئۆزئارا بىرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقى سۇپىسىنى كېڭەيتىش، قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ، ساھەلەر بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاۋىياتسىيە ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز رۇسىيە، ئەرمېنىيە، ھىندونېزىيە، كامبودژا، بېنگال، ئىسرائىلىيە، موڭغۇلىيە، مالايشىيا ۋە مىسىر قاتارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئاۋىياتسىيە سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 45 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەمدە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 5100 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر