باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەمدىن ھالقىغان سانائەتلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪ 6.7ئاشتى--

ئەمەلىي ئىقتىساد تېخىمۇ پۇختىلاشتى

2018.08.13 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2- پەسىلدە، خۇاۋېي گۇرۇھى پۈتۈن دۇنيادا 54 مىليون دانە يانفون ساتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشقان. خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىرەك بولغىنى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىشىدۇر.

  بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، جىلى ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 638 مىڭ 200 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44 ئاشقان. بۇ خىل كۈچلۈك ئېشىش ئارقىسىدا، 15 مىڭدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىپ ئىجاد قىلغۇچى خادىملارنىڭ تۆھپىسىنىڭ بارلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

  خۇاۋېي بىلەن جىلىنىڭ بۇ قالتىس ئىپادىلىرى بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەتلىك ئۆلچەمدىن ھالقىغان سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان، كارخانىلارنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشقان بولۇپ، بۇ، سانائەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشى، ھەمدە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خېلى پايدىسى بولدى.

  -- يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇلدى

  يېڭى كەسىپلەردىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە جاھازلار ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11.6 ۋە %9.2 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى كۆلەمدىن ھالقىغان سانائەتلەرنىڭ 4.9 ۋە 2.5 پىرسەنت پوئېنتتىنمۇ تېز بولدى؛ يېڭى مەھسۇلاتلاردىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، سانائەت ماشىنا ئادىمى ۋە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىقلار بازار ئالقىشىغا ئېرىشتى، مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %88.1، %23.9 ۋە %15 ئاشتى؛ يېڭى كەسىپ ھالىتىدىن قارىغاندا، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %29.8 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %17.4نى ئىگىلىدى. سۇپا ئىقتىسادى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلدى.

  -- تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى ئۇرغۇتۇش

  يىل بېشىدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، پولاتنىڭ باھاسى مۇقىم ئۆرلىدى، پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. بۇلتۇر، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %77كە ئۆرلەپ، بەش يىلدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىدە 2015- يىلىدىن بۇيانقى ئۆرلەش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى، ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى %2گە يېقىنلىشىپ قالدى.

  - - ھەرىكەت مۇھىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

  1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئېلىمىزدە كۈنىگە يېڭىدىن تىزىملاتقان بازار سۇبيېكتلىرى 18 مىڭ 100گە يەتكەن. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. ئەمەلىي گەۋدىلىك كارخانىلارنىڭ يۈكىنى بوشىتىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدىكى باج نىسبىتى تۆۋەنلىدى، قىسمەن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندى ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىدى، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار سەپكە يەڭگىللا چىقىۋالدى. كۆلەمدىن ھالقىغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ھەر 100 يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمى ئىچىدىكى تەننەرخى ۋە خىراجىتى 92.57 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 يۈەن چۈشتى.

  ئەمەلىي ئىقتىسادنى ماختاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ساھە ئوخشاش بولمىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە يەنىلا بۆلۈنۈش مەۋجۇت؛ بايلىق خاراكتېرىدىكى ساھەلەرنىڭ ئېشىشى تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم يەتكۈزدى؛ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولىدا يەنىلا خېلى زور ئۆسۈش بوشلۇقى مەۋجۇت؛ تاشقى مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى يەنە بەزى يېڭى مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ قەدىمىنى پۇختا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 31- ئىيۇلدىكى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر