باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى دورىلاردىن راكقا قارشى 14 خىل دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى

2018.08.13 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان «راكقا قارشى دورىلار ھەققىدە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە سۆھبەتلەشكەن دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»تا، راكقا قارشى دورىلار ھەققىدە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە سۆھبەتلەشكەن 14 خىل دورىنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى چۈشۈرۈش ئىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىكى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىلار چوقۇم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېڭى باھا بويىچە توردا ئاشكارا سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىندى. راكقا قارشى بۇ 14 خىل دورىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورىلار مۇندەرىجىسىدىكى دورا تۈرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 خىلى بولسا، 2017- يىلى سۆھبەتلىشىپ باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلار، قالغان ئىككى خىلى بولسا، 2015- يىلى دۆلەت تەرىپىدىن دورا باھاسى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بېكىتىلگەن دورىلاردۇر. مۆلچەرلىنىشىچە، راكقا قارشى دورىلاردىن باھاسى چۈشۈرۈلگەن بۇ دورىلارنى 9- ئايدىن باشلاپ بىمارلار ئۈزۈلدۈرمەي سېتىۋالالايدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسى تەڭشەلگەندە، پاتېنتلىق ۋە مۇستەقىل دورىلاردىن قىسمەن دورىلارنىڭ كىلىنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى بولۇش، ھەمدە باھاسى بىر قەدەر قىممەت بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ۋە دورا كارخانىلىرىنىڭ سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،36 خىل قىممەت باھالىق دورىلارنىڭ باھاسى سۆھبەت ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن، ھەمدە ئۇ دورىلارنىڭ باھاسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىچىدە چىقىم قىلىشنىڭ مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئۆلچىمى بېكىتىلگەندىن كېيىنكى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزگەن، بۇ دورىلارنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈلگەن باھاسى %44كە يەتكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا % 70كە يەتكەن، سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن بۇ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى 2019- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە كۈچكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ سۆھبەت كېلىشىمىدە، ئەگەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىدە تەڭشەش بولۇپ، ئۇ تەڭشەش ئەسلىدىكى بۇ كېلىشىمنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ياكى تولۇقلىما كېلىشىمى ئىمزالىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر