باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2018.08.14 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «لايىھە» دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭلاشقان مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي بېكىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئالاقىدار ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ياندىشىپ ئۇلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەبلەغ كاپالىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ھەمدە مۇقىم ئىجرا قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممە كىشى ئادىل بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش؛ مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ پائال ۋە پۇختا بولۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىسلاھات ئارقىلىق، مەركەز رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاممىۋى تازلىق، تېببىي داۋالىنىش كاپالىتى، پىلانلىق تۇغۇت، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتى ئايرىپ بېكىتىلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئايرىش ئەندىزىسى ئىچىدىكى بىر قەدەر ئىلمىي، مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئايرىش ئەندىزىسى ئىچىدىكى ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان ۋە ئىسلاھات شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ئىشلار ئىسلاھ قىلىنىپ تەڭشىلىدۇ. ئىسلاھات شارائىتى يار بەرمەيدىغان ئىشلاردا، ۋاقتىنچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئايرىش ئەندىزىسى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قارىتا ۋاقتىدا مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلەتلىك ياكى رايون ھالقىغان جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، مەركەزنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتى مۇۋاپىق كۈچەيتىلىدۇ؛ مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق مالىيە ھوقۇقىغا نىسبەتەن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى مەركەزلىك بىر تۇتاش تۈزۈلىدۇ ياكى پىرىنسىپ-تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛ تۈرنى ياخشىلاش ۋە بىرىكتۈرۈش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر