باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق سوت قىلىش لازىم

2018.08.14 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق سوت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش ماجىرا دېلولىرىنى مۇۋاپىق سوت قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جەمئىيەتتە ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش تونىغا ئورىنىۋالغان، «مەۋھۇم كۆپەيگەن قەرز»، «يامان غەرەزدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پۇل- مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشتەك «يۈرۈشلۈك قەرز» ئالدامچىلىقى قاتارلىق يېڭىچە جىنايەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەرز ئېلىش پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «يۈرۈشلۈك قەرز» ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىلىم تىپىدىكى جىنايەت ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغانلىقىغا قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئەلئارا قەرز ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەلئارا قەرز ئېلىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»گە ئاساسلىنىپ تەكشۈرگەندىن سىرت، يەنە پۇل مەنبەسى، سودا ئېلىم-بېرىم ئادىتى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، قەرز ئېلىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قارىتا مۇۋاپىق گۇمان بار ھەمدە ۋاكالەتچىسى دېلو پاكىتىنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىرىگە قارىتا، دەۋالاشقۇچىلارنى ئالاقىدار پاكىتلار ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە چاقىرتىپ، سوتقا قاتناشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر