باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى - -

شورلۇق دالالارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئىگىلىك تىكلەش (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.08.14 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  34 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىللاردىكى قاقاسلىقتا مانا ھازىر قۇرۇلۇپ پۈتكەن جايلىرى 34 كىۋادرات كېلومېتىرغا يېتىدىغان تەيدا تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىندى. «تەيدا» 1984- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى «تەيدا»، دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادىي كۆلىمى چوڭ، سىرتقا يۈزلەنگەن دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشى بولغان دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى 219 دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ئېلىپ بارغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، كەسىپ ئاساسىغا، ھەمدە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رايونلارغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە مەمۇرىي ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك مىقدارلاشتۇرۇپ باھا بەردى. تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ھازىر كەسىپلەر ئاساسى جەھەتتىن ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتا 1- ئورۇندا، ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسى جەھەتتىن 2- ئورۇندا، تاشقى سودىسى جەھەتتىن 3- ئورۇندا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا 6- ئورۇندا تۇرىدۇ.

  سىرتقا ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ

  ئىگىلىك تىكلەش قانچىلىك تەس؟ بىر «كونا ئىشچى»نىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: جايلاشقان ئورۇن ساسلىق ۋە قاقاسلىق بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىيات رايونىنىڭ بەزى يەرلىرىگە بىنا سالماقچى بولۇپ ئۇل كولىساق، ئۇ يەرلدىن تۇز سۈيى سىرغىپ چىقىۋېلىپ، بىنا سېلىشمۇ بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

  شۇ بىر دۆۋە «مەسىلىلەر» ئاستىدا،تەيدالىقلار جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلىغان ئىدى. مۇخبىر 34 يىل ئىلگىرىكى بىر پارچە جەدۋەلنى تاپقان ئىدى، ئۇ، تەيدانىڭ تۇنجى تۈركۈمدە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقماق ۋە يۇڭ پوپايكا قاتارلىقلاردىن تاكى ۋېلىسىپىت ۋە كېمە رېمونت قىلىشقىچە، ھەر ساھەگە ئائىت ۋە ھەر خىل ئىدى؛ مەبلەغ سېلىش سوممىسى 120 مىڭ دوللاردىن بەش مىليون دوللارغىچە بولۇپ، كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان.

  تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن گۇيمىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەرەققىيات رايونى دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسلىقى پاسسىپ ھالدا تاشقى كەسىپلەرنى يۆتكەشنى قوبۇل قىلغان. 20 كارخانىنىڭ تەۋەسىدىكى كەسىپلەرمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، كۆپىنچىسى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىدا تۇرغان.

  يەنە ئەينى يىلدىكى ئۇ يەرلەر، 19 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بىرىنچى ئاپتوموبىل VW شىركىتى شىمالىي جۇڭگو بازىسى، زاۋۇت يېشىل قۇرۇلۇش لايىھەسى گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىچكى قىسىمىغا پۈتۈنلەي ئاپتوموبىل ياسايدىغان تۆت چوڭ سېخ سەپلەنگەندىن باشقا، يەنە توكلۇق ئارىلاش ئېنېرگىيە ۋە ساپ ئېلېكتىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ساقلانغان. يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، پىلان بويىچە، يىلىغا 300 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ يىل بىرىنچى ئاپتوموبىل VW شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن توققۇز خىل يېڭى ماشىنا ئىچىدە، ئىككى خىلى بۇ يەردە ئىشقا سېلىنىدۇ. VWئاپتوموبىل گۇرۇھى (جۇڭگو)نىڭ باش لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېيزمان ئوچۇق-ئاشكارا مۇنداق دېدى: VW ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچى ۋە بىرىنچى ئاپتوموبىل VW شىركىتى شىمالىي جۇڭگو بازىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نۇقتىلىق تۈرنىڭ تيەنجىن تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقانلىقى، ئۇنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ يۈرۈشلەشكەن كەسپى ۋە ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇلازىمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر