خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2018-يىللىق سايرام كۆلى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى سايرام كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، پەللىدىن چىقىش تاپانچا ئاۋازىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىر ئاي ئەگىمدىن باشلاپ يۈگۈرۈشنى باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق سايرام كۆلى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈشتىن باشقا يەنە كىچىك مارافون تۈرىنىمۇ تەسىس قىلىنىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى (21 كىلومېتىر 90 مېتىر) بولۇپ، قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ سانى 800 ئىكەن، كىچىك مارافون مۇسابىقىسى (بەش كىلومېتىر) بولۇپ، قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ سانى 1200 ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى