باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن چاۋشيەن 9-ئايدا پيۇڭياڭدا يەنە بىر قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى

2018.08.14 16:52   مەنبە: خەلق تورى

كورېيە بىلەن چاۋشيەن 9-ئايدا پيۇڭياڭدا يەنە بىر قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى جاۋ مىڭجۈن (ئالدىنقى رەت ئوڭدا) ۋە چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شەنچۈەن (ئالدى رەت سولدا) پانمۇنجومنىڭ چاۋشيەن تەرىپىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش راۋىقىدا، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ۋە چاۋشيەن 13-ئاۋغۇست پانمۇنجومنىڭ چاۋشيەن تەرىپىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش راۋىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، 9- ئايدا چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيۇڭياڭدا يەنە بىر قېتىم جەنۇب-شىمال باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.

  شۇ كۈنى سۆھبەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9) ئەتراپىدا باشلاندى، كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى جاۋ مىڭجۈن بىلەن چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شەنچۈەن ئايرىم-ئايرىم كورېيە-چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلدى.

  ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەت باشلىنىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. لى شەنچۈەن: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى شىمال، جەنۇپ ئىككى تەرەپ بۈگۈنكى كۈندە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيدىغان دەۋرنى كۈتۈۋالدى، دېدى. جاۋ مىڭجۈن: ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشىش روھى بىلەن بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…