- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى يىل بولدى
توشۇلغان يولۇچى 16 مىليون 20 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى
2018.08.14 14:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يولۇچى توشۇش بېكىتى − ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ ۋوگزالدا بىخەتەر توشۇلغان يولۇچى 16 مىليون 20 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى.
2016- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، 42 كۈن سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلار پويىزى قاتناش خەرىتىسىنى 17 قېتىم تەڭشەپ، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۈنىگە تۆت قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى ئوق پويىز قاتنايدىغان، ھەر كۈنى توشۇلىدىغان يولۇچى 2000 ئادەم (قېتىم)غا يەتمەيدىغان ھالەتنى ھازىرقى 70.5 قوش يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى پويىز (ئوق پويىز، ئادەتتىكى تېز پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا كۆپەيتىپ، كۈندىلىك توشۇلىدىغان يولۇچىنى 25 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشۇرۇپ، يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ تۈگۈنلۈك ئورنىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈردى.
ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، كورلا، قۇمۇل، شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي قاتارلىق جايلارغىچە بولغان بىر سائەتلىك، ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى بەرپا قىلىندى. تۇرپان، شىخەنزە قاتارلىق جايلار مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بىر شەھەر ئېففېكتىنى شەكىللەندۈردى، ئاممىنىڭ بېرىش-كېلىشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تەدرىجىي تېزلەشتى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۈنسېرى كۈچەيدى.
ۋوگزال ئەسلىدىكى B , A ئىككى پويىز كۈتۈش رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، پويىز كۈتۈش رايونىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پويىز كۈتۈش رايونىدىكى ئورۇندۇقنى 4534كە كۆپەيتىپ، پويىز كۈتۈش رايونى مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇردى؛ شىمالىي مەيداندىكى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت تەكشۈرتۈپ ئۆتۈش كۆتۈرمە قەۋەتلىك يولىنى سەككىزگە كۆپەيتىپ، ۋوگزال ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش-چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى؛ ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزى زالىدا «پويىز ئالمىشىش» بېلەت سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلىنىپ، شۇ كۈنى پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ۋوگزال ئىچىدىلا پويىزغا بىۋاسىتە ئالمىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ۋوگزال ئىچىدىكى ھاجەتخانا مۇھىتى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلۈپ تۈزۈلدى؛ ئانا-بالىلار پويىز كۈتۈش ئۆيىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوۋاقلار كارىۋىتى، چايدان، سۈت ئىسسىتىش ئەسۋابى، زاكا قاتارلىق كېرەكلىك بۇيۇملارنى كۆپەيتىپ، بالىسى بار يولۇچىلارغا ئىللىق ۋە گۈزەل سەپەر مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.
ئۈرۈمچى ۋوگزالى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريوللاردىكى توردا تاماق زاكاز قىلىش نۇقتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋوگزال بولۇپ، يولۇچىلار 12306 ئارقىلىق توردا تاماق زاكاز قىلسا، يولۇچىلار زاكاز قىلغان تاماقلار تېز سۈرئەتتە پويىزغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر