باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگونى ئاسرايلى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە− يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.08.14 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كۆمۈر پىڭسۇ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ماشىنا بىلەن كەلگەندە، نەچچە ئونمىڭ مولۇق چوڭ تىپتىكى ئورمان ھەم باراقسان ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈندى، نەچچە يۈز چاقىرىم كان رايونى يېشىلچىلىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يەر كان رايونىمۇ ياكى مەنزىرە رايونىمۇ، دېگەن سوئالنى سورىغۇسىنى كەلتۈرىدۇ.

  پىڭسۇ شىركىتى بولسا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 20 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ ھەم ئۈستى ئوچۇق كاندىن ئۈچىگە ۋە 10 مىليون توننا دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر قېزىلىدىغان كاندىن ئىككىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇدا نەچچە يىل كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. بىراق، كەڭ كۆلەمدىكى كۆمۈر قېزىشمۇ يەر يۈزىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كۆمۈر قېزىش ۋە كان ئېچىشنى سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغ بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پىڭسۇ شىركىتى كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش بىلەن يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 20 نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كان رايونى ۋە ئەتراپتىكى 60 مىڭ مولۇق رايوننىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمىنى تاماملىدى، نەتىجىدە، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى 45 مىڭ موغا يەتتى.

  ئۆزگىرىش پەقەت پىڭسۇ كان رايۇنىدىلا يۈز بەرمىدى. يېشىللىقنى قايتا نامايان قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل ۋە ئوتلاقلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنىڭ ئورتاق گەۋدىسىدۇر، دەيدىغان ئىدىيەگە ئاساسەن، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تاغ ۋە سۇ يوللىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئېتىزنى ئاسراشتا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىشتەك ئۇسۇل بىلەن خوشلىشىپ، تاغدىن-تاغقا، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىغا، قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز-ئوكيانغا ۋە دەريا ۋادىسىدىكى ئىككىلەمچى جايلارنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋەئۇنىڭ سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «ئۇنىۋېرسال تۈزەش» يولغا قويۇلدى.

  مۇھىتنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇش

  ئۇزاقتىن بېرى، يۇقىرى سىجىللىق دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە كان قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش ۋە چېكىنىش بولۇش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، قىسمەن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىگە ئالاقىدار يادرولۇق رايونلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن ئىدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى بولسا، ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ، شەھەر، يېزا، كان رايونى ۋە دېڭىز قىرغىقىنىڭ مۇھىتىنى قايتا ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدۇردى.

  ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ رايونىدىكى كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە بۇنچە زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ھېچكىم ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئىلگىرىكى كەنتلەردە ئېتىز-ئېرىقلار ۋەيرانە، قۇرۇلۇش يېرى تەرتىپسىز، يوللار تار، ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىرىغان، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى خالىغانچە دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى قالايمىقان قويۇپ بەرگەنلىكتىن، ئەتراپتىكى دەريا سۇلىرىدىن قارا ھەم سېسىق پۇراقلار چىقاتتى. ھازىرقى شىخۇ رايونىنىڭ يېزىلىرى بولسا، گۈزەل ۋە قاتمۇقات كەتكەت تاغلار، باراقسان ئۆسكەن ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، سۇلاردىن ياپيېشىل تاغلار ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر