باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 تۆۋەنلىدى

2018.08.16 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا 2017- يىللىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىستاتىستىكىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، مۇخبىرنىڭ مەزكۇر يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى مەملىكەت بويىچە توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش ئاپپاراتىدىن 1217سى، توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىدىن 4877ى باركەن. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بېجىرگەن توي خېتى رەسمىيەتلىرى ۋە توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 10 مىليون 631 مىڭ جۈپكە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.0 تۆۋەنلىگەن.

  2017- يىلى توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتقان نوپۇسلار ئىچىدە، 25 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكىلەر %36.9نى ئىگىلىگەن. 2017- يىلى قانۇن بويىچە بىر ئائىلىلىك مۇناسىۋەتتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەرنىڭ سانى تۆت مىليون 374مىڭ جۈپكە يەتكەن بولۇپ، بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدا بىر ئائىلىلىك مۇناسىۋەتتىن ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئۈچ مىليون 704 مىڭ جۈپكە يەتكەن، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىپ ۋە مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 669 مىڭ جۈپكە يەتكەن بولۇپ، ئاجرىشىش نىسبىتى %3.2كە يەتكەن. بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.2 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر