باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇ ئۆلكىسى بۇ يىل يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى

2018.08.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇيجۇ ئۆلكىسى يېقىندا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يازلىق ۋە كۈزلۈك ھۇجۇمىغا ئاتلىنىپ، «مەكتەپ بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش»، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇشتىن قېلىشنى كونترول قىلىش ۋە ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق قانات يايدۇردى.

  ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، گۇيجۇ ئۆلكىسى گۇرۇھلىشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «مەكتەپ بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش» ئۇسۇلىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا سېتىۋالىدىغان ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى ئالدى بىلەن نامرات ناھىيە ۋە نامرات ئائىلىلەرگە تۇتاشتۇردى. نەتىجىدە، 2018- يىلى پۈتۈن ئۆلكىدە بارلىق مەكتەپ ئاشخانىلىرى نامرات رايونلاردىكى نامرات ئائىلىلەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتىكى ۋەزىپە بولسا، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 2018- يىلى يىل ئاخىرغىچە يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ تولۇق ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گۇيجۇ يېزىلاردا ئارخىپ تۇرغۇزغان ۋە كارتا تۇرغۇزغان نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مەزگىلدە «يېشىل يول»نى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزغان ۋە كارتا تۇرغۇزغان نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ توسالغۇسىز ئوقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر