نان ناۋاينىڭ قولىدا يەڭگىل چۆگىلىدى، ئالتۇن رەڭلىك نان تونۇرنىڭ ئىچىدە پارقىراپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى، ھاۋانى ناننىڭ مەززىلىك پۇرىقى قاپلىدى. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتى چىلاق نان ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، كوپېراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە نان يېقىپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نان بايرىمىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نان مەدەنىيىتى بايرىمى داشى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نان مەدەنىيىتى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ماركا تونۇشتۇرۇشتۇش، نان شاھى ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسى، «مەن لوپنۇر نانلىرىغا ۋەكىل بولىمەن»، نەق مەيداندا ئاخىرقى پۇرسەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ، نان مەدەنىيىتى بايرىمىدا يەنە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىلىدۇ.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، لوپنۇر ناھىيەسىدە جەمئىي 86 ناۋايلىق دۇكىنى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن سەككىزى بار ئىكەن، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، لوپنۇر ناھىيەسى سىرتقا جەمئىي 320 توننا مايلىق توقاچ، 22 توننا قىيمىلىق نان ساتقان، ناھىيە ئىچىدە ۋە تېشىدا سېتىلغان نان 490 مىڭ دانە، سۈت نان 132 مىڭ دانە بولۇپ، جەمئىي سېتىش سوممىسى 7 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش رولى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان. بۇ نۆۋەتلىك لوپنۇر نان بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى لوپنۇر نېنىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ناۋايلىق كەسپىنىڭ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى