باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.08.16 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى بىلەن گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاپ، نامرات ئاھالىلەر ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىر ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىگە زور تۆھپە قوشتى. «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» جەمئىي سەككىز مەخسۇس تېمىدىن تەركىب تاپقان: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش؛ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ سېلىنمىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىش؛ جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛ قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاممىنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەركەتلەندۈرۈگۈچ كۈچنى قوزغىتىش؛ قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. كىتابقا 242 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2018- يىلى 6- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 60 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججىتىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن بايان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر