خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر خوتەن شەھىرىدىكى كەچلىك بازارغا كېلىپ، بازاردا ئاساسلىقى قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، دۈملىمە، كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى، لەڭپۇڭ، پولو، سېرىق ئاش قاتارلىق 60 خىلغا يېقىن مەززىلىك تائام بارلىقىنى كۆردى.
كەچلىك بازارنىڭ ئوتتۇرىسى يول بولۇپ، ئىككى تەرىپى يايما ئورنى ۋە مېھمانلارنىڭ تاماق يەيدىغان ئورنى ئىدى. كاۋاپ، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، مېۋە-چېۋىلەر تۈرلىرى بويىچە رەتلىك ئايرىلغان. بازارنىڭ ئىچى بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەۋاتقان مېھمانلار بىلەن لىق تولغان.
سۈرەتتە: ئارتىسلار كەچلىك بازاردىكى ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئۇسۇل ئوينىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى